كونستروكتىۋىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
قۇرۇلمىچىلىق. ھازىرقى زامان بۇرژۇئازىيىسىنىڭ شەكىلۋازلىق سەنئەت ئېقىملىرىدىن بىرى. كۇبىزم(立体主义 تىك تۆتقىرچىلىق) ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. تىك تۆتقىرچىلار ئوبيېكتىپ دۇنيانى گىئومېترىك شەكىللەر (يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، يۇمىلاق بىگىزسىمان، بۇرجەكلىك بىگىزسىمان، تىك تۆتقىر شەكىل، يۇمىلاق شەكىل) بىلەن تەسىۋىرلەپ سۈرەتلەشنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلىدۇ.
ئەدەبىياتتىكى قۇرۇلمىچىلىق بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان. ئۇلار سەنئەتتە ئوبرازنىڭ گۈزەللىك ماھىيتىنى ئىنكار قىلىدۇ، ھەر قانداق سەنئەت مىراسلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىرلا تەلىپى شۇكى، شەكىل جەھەتتىكى، قۇرۇلما جەھەتتىكى ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقنى ئوبزارزلىقلىق ئورنىغا دەسىتىش. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تېخىنكىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ھەر خىل، ھەر رەڭدىكى مەزمۇنىنى يوقاتقان قۇرۇلمىنى گۈزەللەشتۈرۈش، سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ئېلېمېنتلارغا سەل قاراش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئابستراكت سەنئەتكە چېكىنىپ، قىلچە ئەھمىيەتسىز «تېخنىكا» شەكىللىرىنى دۆۋىلەشتىن ئىبارەت.
ئەدەبىيات ۋە تىياتىر سەنئىتىدىكى قۇرۇلمىچىلىقىنىڭ ئەگەشكۈچلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئادەمنى سېزىمىنى يوقاتقان، ھەرىكىتىنى تاشلىغان، پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق ئەركىن ماشىنىغا ئايلاندۇرۇپ، رول ئالغۇچىلارنى گىمناستىكا ھەرىكىتىنى قىلىدىغان تەنھەرىكەتچى قىلىش.