ئىستىلىستىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تىلشۇناسلىقتىكى مەخسۇس بىر تارماق. ئۇ مەنە ۋە ھەرخىل تىل ماتىرياللىرىنى قانداق قوللىنىش مەسىلىلىرىنى ۋە ھەر تۈرلۈك ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ئىدىيە ۋە ھېسياتنى مۇۋاپىق ئىپادە قىلىشنى تەتقىق قىلىدۇ.ئۇ ئىستىلىستىك ھالەتلەرنىڭ قائىدىلىرىنى ، ئىستىلىستىك كۆز قاراشلار سېستىمىسىنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ھەرخىل ئىستىلستىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ۋە ئىجاد قىلىپ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى مۇۋاپىق ئىپادىلەشكە يېتەكلەيدۇ.