مونولوگ
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
گرېكچە monos _ بىر؛ logos _ سۆز سۆزلىرىدىن ياسالغان
ئەسەر ھەققىدە بەزىدە سۆھبەتداشلارغا،تاماشىبىنغا قارىتا ئېيتىلغان سۆز، نۇتۇق. مونولوگ سەھنە ئەسىرىنىڭ بېشىدا تاماشىبىننى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن بىلەن تۇنۇشتۇرىدۇ، ۋەقە ئىشتىراكچىسىنىڭ سەھنىدە پەيدا بولۇشىغا زېمىن ھازىرلايدۇ ۋە ئۇنى تونۇشتۇرىدۇ. مونولوگ قەھرىماننىڭ پىكىر ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، ئوبرازنىڭ ماھىيىتىنى ئاچىدۇ.