UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتخەلق ئېغىز ئەدەبىياتى

خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئۆتمۈش جەمئىيەتتە ئېزىلگۈچى ئورۇندا تۇرغان ئەمگەكچى خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ كەڭ تارقالغان ئەدەبىي ئەسەرلەر. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، خەلق ئاممىسى ئاغزاكى ئىجاد قىلىپ، ئاغزاكى تارقىتىدۇ، ھەمدە تارقىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز پىششىقلىنىپ، ئۆزگەرتىلىپ مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئەسەرلەر بىۋاستە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى، ھېسسىياتىنى ۋە غايىسىنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ كۈچلۈك خەلقچىللىققا ئىگە. ئۇنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلگەن، نۇرغۇنلىغان داڭلىق يازغۇچىلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىدىن ئوزۇن ئېلىپ ئۆز ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئۆرنەك قىلغان ۋە ئىجادىنى بېيىتقان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىخقا ۋە خىلمۇ خىل شەكىللەرگە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، ھېكايەت، داستان، مەشرەپ، قوشاق، ماقال، تەمسىل، ئىدىئوم، ئېيتىشىش، لەتىپە، چاقچاق ... قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇخەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يەنە <خەلق ئېغىز ئىجادى>، <ئەل ئەدەبىياتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنە ئاتالغۇلارنىڭ <فولكلور> ئىزاھىغا قاراڭ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات