UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياترادىئو درامىسى

رادىئو درامىسى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشى ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان دراما، ئۇ قىسقا رادىئو درامىسى ۋە كۆپ قىسىملىق رادىئو درامىسى دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇ پېرسوناژ تىلى، مۇزىكا ساداسى، ناخشا قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئاڭلاش سېزىى ئوبرازلىرىنى يارىتىدۇ ۋە دراما ۋەقەلىكىنى قانات يايدۇرىدۇ. بەزىدە زۆرۈر بولغان چۈشەندۈرۈش سۆزلىرىنى قىستۇرۇپ درامىدىكى مەنزىرىلەرنى ۋە پېرسوناژلار پائالىيىتىنى تولۇقلاپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. رادىئو درامىلىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ، تىلى تىپىكلىككە ئىگە، جانلىق، راۋان بولىدۇ، بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئاممىۋى ئاساسىي باشقا ژانىرلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
رادىئو درامىسى | UyghurWiki | UyghurWiki