UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي ئەنئەنە

ئەدەبىي ئەنئەنە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا پەيدىنپەي شەكىللىنىپ، شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يارىتىدۇ ۋە ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئالاھىدە بىر ئەدەبىي نۇقتىئنەزەر، ئىجادىيەت ئۇسۇلى، ئەدەبىي شەكىل ۋە ئەدەبىي ئۇسلۇب شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىي ئەنئەنە دېيىلىدۇ. ئەدەبىي ئەنئەنىنىڭ ئىچىدە ئىلغار ۋە قالاق، ھەتتا ئەكسىيەتچى نەرسىلەرمۇ بولىدۇ. ئىلغار، تەرەققىپەرۋەر نەرسىلەر ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قالاق، ئەكسىيەتچى نەرىسلەر ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. ئىلغار ئەدەبىي ئەنئە كونكرېت جەھەتتە بىر قاتار ئىلغار ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئەسەرلىرىدە ئەكسلىنىدۇ. ئەدەبىي ئەنئەنە ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ئامىلى بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر يېڭى ئەدەبىيات ئىلگىرىكى ئەدەبىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئىجاد قىلىنىدۇ. تارىختا ئۆتكەن داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرى ئىلگىرىكى ئىلغار ئەدەربىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مېۋىسى بولۇپلا قالماي، يەنە، كېيىنكى ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىمۇ قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىلغار ئەدەبىيات ئىلغار ئەدەبىي ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ئۆز مىللىتىنىڭ ئىلغار ئەدەبىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلاش ۋە ئىجاد قىلىش بىلەن شۇغۇللانغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، بېيىيدۇ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئەدەبىي ئەنئەنە | UyghurWiki | UyghurWiki