سەجئى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچەسجغ) قاپىيىلىك نەسىر. بۇ كۆپرەك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئۇچرايدىغان ئالاھىدە بىر شەكىل. تارىختا بەزى كلاسسىك ئەسەرلەر مۇشۇ يول بىلەن يېزىلغان. خەلق چۆچەكلىرى ۋە داستانلارنىڭ نەسىر يولى بىلەن يېزىلغان جايلىرىمۇ «سەجئى» دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باشلانمىسى بولۇپ كەلگەن «بارئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، بۆرە باقاۋۇل، تۈلكە ياساۋۇل ئىكەن» ......دېگەن گەپلەر ئەينەن «سەجئى» نىڭ بىر كۆزۈنۈشى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا خاس بۇ ئۇسۇل يازما ئەدەبىياتقىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۆتكۈزگەن .11 - ئەسىردە ياشىغان مەھمۇت قەشقەرى ئۆز ئەسىرىنىڭ كىرىش قىسىمىدا «سەجئى»لەردىن پايدىلانغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇب» (كۆڭللەر سۆيگۈسى) دېگەن ئەسىرىنىڭ ئايرىم جايلىرىنى يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن يازغان.
«سەجئى»نىڭ بىر خىلىنى «مۇتەۋازىن سەجئى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنى «مۇرەججەز نەسىر» دەپمۇ ئاتايدۇ. رۇس ئەدەبىياتىدا بۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلەر بولۇپ، ئۇلارنى «نەسىرى شېئىر» دەيدۇ. نەسىرى شېئىر لىرىك خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئى. س. تۇرگېتېۋنىڭ «گۈللەر قانداق ياخشى، قانداق تازا ئىدى » دېگەن ئەسىرى مىسال بولالايدۇ.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە سەجئىنىڭ ئەنئەنىلىك ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھازىرغىچە داۋاملاشقانلىقىنى كۆرىمىز.