UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتترىلوگىيە

ترىلوگىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە tirilogia) ئاپتورنىڭ بىر پۈتۈن پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈچ پارچە دراماتىك ياكى پروزائىك (نەسىر) ئەسەر. مەسىلەن: ماكسىم گوركىنىڭ <بالىلىق چاغلىرىم>، <كىشىلەر ئارىسىدا>، <مېنىڭ دارىلفۇنلىرىم>؛ ئا. ن. تولستوينىڭ <سەرسانلىق - سەرگەردانلىقتا> (<ئىگىچە - سىڭىل>، <1819 - يىل>، <تاڭ قاراڭغۇسىدا>) قاتارلىقلار. بۇ ئەسەرلەر بىر - بىرىنى تېماتىك - غايىۋى جەھەتلەردىن تولۇقلىغۇچى سۈپىتىدە، شەرتلىك ھالدا ئەدەبىياتشۇناسلىقتا <ترىلوگىيە> دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات