مىللىي شەكىل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شەكىل جەھەتتە شۇ مىللەتنىڭ تىل يېزىقى، مىللىي ئەنئەنىسى ۋە باشقا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇمكى، ھەر قايسى مىللەتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى ئۆز خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بەدىئىي شەكىلدىن ئىبارەت، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. ماكسىم گوركى ئېيتقاندەك. «تىل _ ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى ئامىلى (ئېلېمېنتى)، ئۇنىڭ ئاساسىي ماتېرىيالى. شۇڭا ھەربىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئۆز ئانا تىلى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ». تىل - مىللەتنىڭ خاراكتېرلىك بەلگىلىرىدىن بىرى بولغاچقا، مىللىيلىك ئەڭ ئالدى بىلەن تىلدا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. تىل - ئاساسىي ئامىل، ئۇ ئەدەبىياتقا كونكرېت، روشەن مىللىي تۈس بېرىدۇ.
مىللىيلاشتۇرۇش دېگەن سۆز ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي شەكلى ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە مىللىي پۇراق ۋە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە قىلىش دېگەنلىكتۇر. مىللىيلاشتۇرۇش مىللىي ئەدەبىيات - سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىدىن بىرى. بىرەر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېتىلىشى ياكى يېتىلمەسلىكى شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ مىللىيلىشىش ياكى مىللىيلاشماسلىقىغا باغلىق. پرولېتارىياتلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى مىللىيلاشتۇرۇشتا ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرى ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش، ئىدىيىۋى ھېسسىيات، ئارزۇ - ھەۋەس ھەم قىزىقىشلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇشى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىدىكى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىلەرگە ھەر قايسى جەھەتلەردىن (ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش، تەسۋىرلەش ئۇسۇلى، ئەسەر ئۇسلۇبى ۋە باشقىلار) تەنقىدىي ۋارسلىق قىلىش، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىدىكى مىراسلار ئىچىدىكى ئارتۇقچىلىق تەرپلىرىنى ئىجادىي يوسۇندا قوللىنىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان مىللىيلاشتۇرۇشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ.