UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئانتېتىزا

ئانتېتىزا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە <قارىمۇ قارشى قويۇش سۆزىدىن>) بىر - بىرىگە زىت چۈشەنچە، پىكىر ۋە ھېسسىياتلارنى ئېنىق ئىپادىلەشتە ھەمدە ئۇلارغا قىياسى خاراكتېرىستىكا بېرىشتە قوللىنىلىدىغان ئەدەبىي ئۇسۇل، بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرلىرىدا، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ماڭا نامېھرىبان يار ئۆزگەلەرگە مېھرىبان ئەرمىش، مېنىڭ جانىم ئالىپ، ئەغيارگە ئارامىجان ئەرمىش. (ناۋايى)
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات