UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئېسكىز

ئېسكىز

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئاخبارات ئەدەبىياتى ژانىرى. بۇنىڭدا ئاساسەن بىرەر ۋەقەنىڭ بىر تەرىپى، بىرەر كۆرۈنۈش ياكى بىرەر پېرسۇناژ يېزىلىدۇ، شۇڭلاشقا بىر نەچچە پارچە - پۇرات، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ۋە بىرنەچچە گەۋدىلىك مۇھىم مەنزىرىلەرنى ئاددىي يېزىش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىي ئەسەر ئېسكىز دېيىلدۇ،بۇنىڭدا تەسۋىرلىنىدىغان ئوبيېكىتنىڭ تۈپ ماھىيىتى، ئەڭ ئاساسىي بەلگىلىرىنى رۇشەن، ئۇمۇملاشتۇرۇپ تەسۋىرلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: لى جىنىڭ «يۈيمىن ئېسكىزى» سۈنلى يازغان«يېزا ئېسكىزى» بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات