شەھەر ئەدەبىياترى (رېتسارلار ياكى ئاتلىقلار ئەدەبىياتى)
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
فېئوداللىق جەمئىيەتتە قول سانائەتچىلەر بىلەن سودىگەرلەر سودا - سېتىق قىلىش ئۈچۈن شەھەرلەرگە يىغىلغان. مانا بۇ ۋاقىتتا شەھەر خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈزسىدىن بىر خىل ئەدەبىيات زۆرۈر ئىدى. مەزمۇنى مول شەھەر تۇرمۇشىدا ئائىلە ۋە مۇھەببەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىيات ھەر قايسى قاتلام شەھەر خەلقىنىڭ ئارزۇ - تەلىپى ئىدى. بۇ خىل ئەدەبىيات ياۋروپادا 11 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ئىتالىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، سىرۋانتسنىڭ <دون كىخوت> رومانى مىسال بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە بولسا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ خىل ئەدەبىيات گەۋدىلىك بولغان.