قەدىمكىنى بۈگۈنكى دەۋر ئۈچۈن، چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ - پارتىيىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى كونكرېت يۆنلىشى. 1942 - يىلى «يەنئەن ئەدەبىيا - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» تا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «بىز بارلىق ئېسل ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرىغا ۋارىسىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەنقىدىي يوسۇندا قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆز زامان، ئۆز ماكانمىزدىكى خەلق تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان ئەدەبىيات - سەنئەت خام ئەشيالىرىدىن ئەسەرلەر يارىتىشتا ئەينەك قىلىشىمىز لازىم. بۇ ئەينەكنىڭ بولۇشى بىلەن بولماسلىقىنىڭ پەرقى بار، بۇ پەرق بەدىئىيلىك بىلەن بەدىئىي ئەمەسلىكىنىڭ پەرقى، نەپىسلىك بىلەن قوپاللىقنىڭ پەرقى، ئۈستۈنلۈك بىلەن تۆۋەنلىكنىڭ پەرقى، چاپسانلىق بىلەن ئاستىلقنىڭ پەرقىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكىلەرنىڭ ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ نەرسىلىرى، مەيلى فېئوداللار سىنىپىنىڭ ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ نەرسىلىرى بولسۇن، بىز ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىشنى ۋە ئۇلارنى ئەينەك قىلىشنى ھەرگىز رەت قىلمايمىز. لېكىن ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەينەك قىلىشنى ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيىتى ئورنىغا دەسسىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئەدەبىيات - سەنئەتتە قەدىمكىلارنىڭ ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ھېچقانداق تەنقىدىسىز كۆچۈرۈۋېلىش ۋە دوراش ئەڭ يارامسىز، ئەڭ زىيانلىق ئەدەبىيات دوگمىچىلىقى ۋە سەنئەت دوگمىچىلىقىدۇر.» بۇ بىر ئابزاس سۆز بىزنىڭ قەدىمكىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئەدەبىياتىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزدا ھازىرمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.