بەھرى مۇتەقارىب
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مۇتەقارىبنىڭ لۇغەت مەنىسى <ئەپلىك، ئاسان> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بەھرىنىڭمۇ بىر قانچە خىللىرى بار.
بىر خىلى، <بەھرى مۇتەقارىب ئەسرەم ۋەقسۇر> (قىسقا، كەمتۈك، ئەپچىل بەھرى). بۇ بەھر ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ۋەزنىگە ئوخشاش، ھەر مىسراسى يەتتە بوغۇمدىن (بىرىنچى بۆلىكى تۆت بوغۇم، ئىككىنچى بۆلىكى ئۈچ بوغۇمدىن) تۈزۈلىدۇ. مىسال:
گۈل تېرىدۇق گۈلزارغا،
بېيجىڭ گۈلى مېيخۇادىن.
پارتىيىمىز چىقاردى،
بىزنى راسا پۇخادىن. (خەلق قوشىقى)
ئىككىنچى خىلى، <بەھرى مۇتەقارىب مۇسەددەس سالىم> (مۇكەممەل ئالتىلىك ئەپچىل بەھر) يەنى، مىسرانىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئۈچ بوغۇم بولۇپ كېلىدىغان (ئۈچ تۇراقلىق توققۇز بوغۇملۇق) ۋەزىن. بۇنىڭدا بىرىنچى بۆلەك (ئىككىنچى تۇراق) توختاپ، تىنىپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:
جاكارلانغاچ پەنگە ئازادلىق،
كۆڭۈل يايراپ، دىللار سۆيۈندى.
بىز سېغىنغان نۇرلۇق ئىستىقبال،
كۆزلىرىمىگە كۈلۈپ كۆرۈندى.
بۇ ۋەزىننىڭ سخېمىسى:
مۇپتەئەلۇن - پەئۇل - پەئۇلۇن.