UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمەشرەپ قوشاقلىرى

مەشرەپ قوشاقلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى مەشرەپلەردە ئوقۇلىدىغان قوشاقلارنى كۆرسىتىدۇ. مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئاممىۋى كۆڭۈل ئىچىش ئولتۇرۇشىدۇر. مەشرەپتە ئامما ئېتىراپ قىلغان بىر يۈرۈش قائىدە، نىزام ۋە يوسۇنلار ئويۇن ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. بۇ مەلۇم مەنىدە ياشلارغا جامائەت ئەخلاقىنى. ئادەمگەرچىلىكتىكى قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ - سەنئەت مەكتىپى. ئۇنىڭدا ھەر خىل ساز، ناخشا - قوشاقلار، ھەتتا مۇقاملارمۇ ئېيتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات