تەبىئىيچىلەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ناتۇرالستلار. 19 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىكى رۇس ئەدەبىياتىدىكى بىر ئېقىم. ئۇ 1842 -، 1845 - يىلى ئارىلىقىدا شەكىللەنگەن. بۇ، دەسلىپىدە بىر تۈركۈم ئەكسىيەتچى ئەدىبلەرنىڭ گوگولنى ئۇستاز تۇتقان ياش ئاپتورلارنى كەمسىتىپ ئېيتىدىغان ئاتالغۇسى بولغانىدى، كېيىن بېلىنسكىنىڭ قايتا - قايتا چۈشەندۈرۈشى بىلەن، روسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى رېئالىزمنىڭ نامى بولۇپ قالدى.
تەبئىيىچىلەر گوگولنىڭ ئىجادىيەت يۆنىلىشىگە ئەمەل قىلىپ، تەبىئىيلىككە (رېئاللىققا ) پۈتۈن كۈچى بىلەن سادىق بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ پەردىسىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئاچقان، تېما جەھەتتىن دىموكراتلىشىش، تىل جەھەتتە ئاممىبابلىشىش جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ <رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى پوستىدا تۇرغان> (بېلىنىسكى) ئىدى. ئۇلار يانچىلىق تۈزۈمىگە ھۇجۇم قىلغان (گىرىگورىيىۋىچنىڭ <يېزا> ۋە <جاپاكەش ئانتون>، تۇرگېنېۋنىڭ <ئوۋچى خاتىرىلىرى>)، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنىڭ بەختسىز كەچمىشلىرىگە ھېسداشلىق قىلغان (دوستۋيېۋسكىنىڭ <نامرات>، سالىتكوۋشېدىرىننىڭ <مۇرەككەپ ۋەقە>)، پايتەخت مەدەنىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى كۆرسەتكەن (دوستويېۋسكىنىڭ <قوش خاراكتېر>)، ئاياللار ئازادلىقىنى چاقىرىق قىلغان (گېرتسېننىڭ <ئوغرى سېغىزخان> قاتارلىقلار) ئىدى.
تەبىئىيچىلەر بېلىنىسكىنى مەركەز قىلغان، يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيە ئاساسىي قىلغان ئېقىم بولۇپ، ھەر خىل دۇنيا قاراشتىكى يازغۇچىلار بار ئىدى. 4818 - يىلى بېلىنسكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىش يۈز بەردى. 50 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئىنقىلابىي دېموكراتلار ۋە ئەركىنچىلەر (لىبېراللار) بولۇپ ئايرىلىپ كەتتى.