UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتدىسسېرتاتىيە

دىسسېرتاتىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ھەر خىل پەن، ئىلىم ساھەسىدىكى مەخسۇس كەسىپىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ مەخسۇس ئىلمىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىلمىيلىكى، ھۆججەتلىك خاراكتېرى ۋە ئوبيېكتىپلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. دىسېرتاتسىيە ئادەتتە مەخسۇس ئىلمىي ئەسەر، مەخسۇس ماقالە، تەجرىبىدىن مەلۇمات، تەتقىقات تەسىراتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىللىق ئوقۇش خۇلاسە ماقالىسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى قاتارلىق خىللارغا بۆلۈنىدۇ. تۆۋەندە، بىر قەدەر كۆپرەك ئۇچرايدىغان ۋە كەڭرەك قوللىنىلىۋاتقان ئۈچ خىل دىسسېرتاتسىيىنى تونۇشتۇرىمىز: 1. يىللىق ئوقۇش خۇلاسە دىسېرتاتسىيىسى. بۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىىرنىڭ مەلۇم ئوقۇش يىلىنىڭ ئاخىرىدا يازىدىغان خۇلاسە خاراكتېرلىك ماقالىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇغۇچى مەلۇم بىر كەسىپ بويىچە تېما تاللاپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزى مۇستەقىل يېزىپ چىقىدۇ. ماقالىگە ئاساسەن، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم بىر كەسىپ بويىچە قانچىلىك بىلىم ئىگىلىگىلىكى ۋە ئۇنى قانچىلىك ئىشلىتەلەيدىغالىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش تەلىپى قويۇلىدۇ. 2 . ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيىسى. بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يازىدىغان خۇلاسە خاراكتېرلىك ئىلمىي ماقالە بولۇپ، مەملىكەتىمىزنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان تۈزىمىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاشۇ ماقالە ئارقىلىق ئىلمىي ئۇنۋان بېرلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا، ئوقۇغۇچى مەلۇم بىركەسىپ بويىچە تېما تاللاپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزى مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ يېزىپ چىقىدۇ. ماقالىگە، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم بىر كەسىپتە ئاساسىي نەزەرىيە ۋە بىلىمنى ئىگەللىۋالغانلىقى، بەلگىلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى يېتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ چۈشەندۈرۈش تەلىپى قويۇلىدۇ. 3 . ئىلمىي ئۇنۋان دىسسېرتاتسىيىسى بۇ ئىلمىي ئۇنىۋانغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېزىلىدىغان، مۇنازىرە ياكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدىغان ماقالىنى كۆرسىتىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ھازىر سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدىغان ماقالىنى كۆرسىتىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ھازىر باكلاۋىر، ماگىستىر ۋە دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانلىرى بار. شۇڭا دىسسېرتاتسىيىمۇ ئۈچ خىل بولىدۇ: 1) باكلاۋىرلىق دىسسېرتاتسىيىسى. ئۇنىڭغا، دىسسېرتاتسىيە يازغۇچىنىڭ ئاشۇ پەن، كەسىپ ساھاسىدە ئاساسىي نەزەرىيىۋى بىلىلەرنى ئىگەللىۋالغانلىقى، بەلگىلىك تەتقىق ئېلىپ بېرىش قابىلىيىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈش تەلىپى قويۇلىدۇ. ئادەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى يازغانلىقتىن «ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 2) ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيىسى. ئۇنىڭغا، دىسسېرتاتسىيە يازغۇچىسىنىڭ ئاشۇ پەن، كەسىپ ساھەسىدە مەخسۇس بىلىمى بارلىقى ۋە مۇستەقىل ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش تەلپى قويۇلىدۇ.بۇ دىسسىرتاتسىيە ماگىستىر ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانت (تەتقىقاتچى) ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن يېزىلدۇ. 3 ) دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىسى. ئۇنىڭغا، دىسېرتاتسىيە يازغۇچىنىڭ يىڭى بىر تەتقىقات ساھەسى ياكى تېمىسىنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى، بەزى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش تەلىپى قويۇلىدۇ. بۇ دىسسېرتاتسىيە دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلار تەرىپىدىن يېزىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات