UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتباللادا

باللادا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (ئىتالىيانچە ئويۇنغا چۈشمەك سۆزىدىن) لىرۇ - ئېپىك شېئىرىيەتنىڭ بىرى تۈرى، كىچىك سۇژېتلىق شېئىردىن ئىبارەت بولغان باللادا شائىر ھېس تۇيغۇسىنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ كەچۈرمىلەرنىڭ سەۋەبچىسى بولغان ۋەقەلەرنىمۇ ئىخچام ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر فرانسۇز، ئىسپان، ئىتالىيان ئەدەبىياتىدا دەسلەپ خور بولۇپ ئېيتىلىدىغان لىرىك ناخشىلار <باللادا> دەپ ئاتالغانىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا فانتازىيىلىك تارىخىي مەزمۇنلاردىكى، ياكى قەھرىمانلىق خاراكتېرىدىكى سۇژېتلىق كىچىك شېئىرلارمۇ (مەسىلەن: روبىن گود توغرىسىدىكى ئىنگلىز خەلق باللادىسى) باللادا دېيىلگەن. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ۋاقىتلاردىكى مەشھۇر شائىرلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ۋارىسلىق قىلىپ مۇنەۋۋەر داستان، باللادالارنى يازغان. <مۇلەن قىز توغرىسىدا باللادا> بۇنىڭ بىر ياخشى ئىسپاتى. رۇس ئەدەبىياتىدا. ئا. ژۇكوۋسكىنىڭ <سۋېتلانا>، <ليۇدمىلا> ناملىق باللادالىرى مەشھۇردۇر. سوۋېت ئەدەبىياتىدا (شېئىرىيىتىدە) قەھرىمانلىق خاراكتېرىدىكى بىرەر ھاياتى ئېپىزوتنى تەسۋىرلىگۈچى كىچىك سۇژېتلىق شېئىر باللادا دېيىلىدۇ، سوۋېت رۇس يازغۇچىلىرىدىن تىخونوۋ، سىمىنوۋ، مارشاك ۋە ئۆزبېك شائىرلىرىدىن خەمىت ئالىمجاننىڭ <جەڭچى تۇرسۇن> ناملىق باللادىسى، شەيخ زادە (مۇھەممەد توپچى) قاتارلىقلارنىڭ باللادىسى شۇنداق شېئىرلار جۈملىسىدىندۇر. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزدە باللادا ژانىرىغا ت. ئېلىيېۋنىڭ <ئىگىلىك سۇ> (1962 - يىل)، ئىمىن تۇرسۇننىڭ <قىزىلگۈل> (1980 - يىل)، ت. ئالماسنىڭ <قىز ۋە شامال> (1961 - يىل)، ز. قاسىمنىڭ <كەپىدە>، بوغدا ئابدۇللانىڭ <چوغلۇق باللادىسى> قاتارلىقلار ياخشى نەمۇنە بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات