پىنھانچىلار
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىتالىيە ۋە غەرب دۇنياسىدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان شېئىرىيەت ئېقىملىرىنىڭ بىرى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانىغا كېلىپ 30 - يىللاردا تازا روناق تاپقان.
ئۇلارنىڭ شېئىرىيەت نەزەرىيىسى ۋە ئىجادىيىتى فرانسۇز بەلگىچىلىكى (سىمۋولىزمى) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ، سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزمنى نەزەرىيىۋى ئاساس قىلىپ سەنئەتكارلارنىڭ رېئاللىقتىن ئۆزىنى تارتىشىنى، شەخس ھېسسىياتى ئالىمىگە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. تېما جەھەتتىن پارچە - پۇرات مەنزىرىلەرنى، كۆپ يۇمۇپ ئاچقىچە پەيدا بولىدىغان تەسىراتلارنى، خام خىيال ۋە يوشۇرۇن تۇيغۇلارنى يېزىشنى، كىشىلەرنىڭ يالغۇزلۇقى، غەم - ئەندىشىلىرى ۋە پاراكەندىچىلىكىنى ئىپادىلەشنى تەرغىپ قىلىدۇ. بەدىئىيلىك جەھەتتىنمۇ چىنلىقنى يېزىشقا، تەسەۋۋۇر بولۇشقا، ئاھاڭدارلىق بولۇشقا قارشى تۇرۇپ، سېزىم ۋە تەسراتىنى ئاساس قىلىدۇ.