ماۋ زېدۇڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىسى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ يولداش ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭگو پرولېتارىيات ئەدەبىيات - سەنئەت ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، بۇرۇندىن تارتىپ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەمەلىيىتىگە تەنقىدىي يەكۈنلەش ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا، ھازىرقى زامان پرولېتارىيات ئەدەبىيات - سەنئەت ھەرىتىدىكى زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە جاۋاب بېرىش بىلەن شەكىللەنگەن ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ نەزەرىيىۋى ئىلمىي سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ماۋ زېدۇڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىسى ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ تەشكىلىي قىسمى، ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسىنىڭ راۋاجى ۋە تەرەققىياتى، پارتىيىمىزنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماۋ زېدۇڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى تارىخىي دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى. يەنى: يېڭى دېموكراتىزملىق ئىنقىلاب دەۋرى ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ھەم سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش دەۋرى.
يېڭى دېموكراتىزملىق ئىنقىلاب باسقۇچىدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى: 1) ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەرگە قانداق خىزمەت قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ھەل قىلدى. بۇ ماۋ زېدۇڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىسىنىڭ مېغىزى، لېنىننىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت «مىليونلىغان ئەمگەكچى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى» لازىملىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى مول تەرققىياتى ۋە كونكرېتلىشىشى. ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرەشلىرىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىپ قالماي، بەلكى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىشىشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. يەنە ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدىكى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆستۈرۈش يېتەكچىلىكىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 2) ئەدەبىيات بىلەن ئەمەلىي تۇرمۇش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھەل قىلدى. يەنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى «بارلىق ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس بۇلىقى» ئىكەنلىكىنى، «ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش ئادەتتىكى ئەمەلىي تۇرمۇشتىن يەنىمۇ يۈكسەك، يەنىمۇ كۈچلۈك،يەنىمۇ يىغىنچاق، يەنىمۇ تىپىك، يەنىمۇ غايىۋى، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇشى ۋە شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. «ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت، ئەمەلىي تۇرمۇشقا ئاساسەن ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك پېرسوناژلارنى ئىجاد قىلىپ، ئاممىنىڭ تارىخنى ئىلگىرىلىتىشىگە ياردەم بېرىشى» كېرەكلىكىنى، ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ «ئۇزاق مۇددەت، شەرتسىز، پۈتۈن دىل، پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئاممىسى ئىچىگە بېرىشى» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 3 ) ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرىغا قارىتا تەنقىد ۋە ۋارسلىق مۇناسىۋىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھەل قىلدى. ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرىغا تەنقىدىي ۋارسلىق قىلىش لازىملىقىنى، «دېموكراتىك جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، فېئوداللىق داشقاللىرىنى چىقىرىپ تاشلاش» كېرەكلىكىنى، تەنقىدىي ۋارسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلاش. ئىجاد قىلىش، «قەدىمكىنى بۈگۈنكى دەۋر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش»، «كونىسىنى چىقىرىۋېتىپ، يېڭىسىنى يارىتىش» يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدىنىڭ ۋەزىپىسى، رولى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدىنىڭ ئۆلچىمى، ھەمدە خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان مىللىي شەكىل ئىجاد قىلىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى بىرلىك سەپ قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان بايانلىرى ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ رول ئوينىدى.
يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش باسقۇچىدا ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسىگە قوشقان تۆھپىسى: 1) ئۇ ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل خاراكتېردىكى زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ دېگەن تەلىماتىغا ئاساسەن، «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش» تىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلمىنى گۈللەندۈرۈش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2) جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىغا قارىتىلغان پرىنسىپىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، «ھەممە گۈللەرنى تەكشى ئېچىلدۇرۇش، كونىسىنى چىقىرىۋېتىپ يېڭىسىنى يارىتىش»، «قەدىمكىنى بۈگۈنكى دەۋر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» يۆنىلىشىنى مۇقىملاشتۇردى. 3) ئوبيېكتىپ ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئىنقىلابىي رېئالىزم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىجادىيەت مېتودىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى بىەلن مىللىي ئالاھىدىلىكى مەسىلىسى، جۇڭگونىڭ كونا ئۇسلۇبتىكى شېئىرىيىتى، خەلق قوشاقلىرى ۋە يېڭى شېئىرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى ئوبرازلىق تەپەككۇر قاتارلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىر قانچە ئون يىللاردىن بۇيان، ماۋ زېدۇڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىسى ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ماۋ زېدۇڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا چوڭقۇر يېتەكچىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە.