ئاناكرېئونتىك پوئېزىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(شېئىرىيەت)
ئانتىك ئەدەبىياتتىكى مەي ۋە مۇھەببەتنى، ئەيش - ئىشرەتنى ئىپادىلىگەن لىرىك شېئىرلار، دەۋر قوشىقى. بۇنداق شېئىرلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 - ئەسىردە ياشىغان گرېك شائىرى ئاناكرېئون (ياكى ئاناكرېئونت) نامى بىلەن باغلىق بولۇپ، شۇ تۈردىكى شېئىرلار <ئاناكرېئونتىك پوئېزىيە (شېئىر)> دەپ ئاتالغان.
ئاناكرېئون شېئىرلىرىدىن پارچىلار ۋە ئاناكرېئون شېئىرىيىتى روھىدا يارىتىلغان شېئىرلار توپلىمى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى غەربىي ياۋروپا ۋە رۇس شېئىرىيىتىدە ئاناكرېئونتىك شېئىرلار ئۇچراپ تۇراتتى. بۇنداق شېئىرلارنى م. ۋ. لومونوسوۋ، ك. ۋ. دىراژاۋىن قاتارلىق شائىرلار يازغان. ئا. س. پۇشكىنمۇ يىگىتلىك دەۋرىدە بىر نەچچە ئاناكرېئونتىك شېئىر يازغان ۋە شۇنداق شېئىرلارنى تەرجىمە قىلغانىدى.