UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسەبكى

سەبكى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (ئەرەبچە «سبك» ئەسلىدە ئالتۇن - كۈمۈش ئېرىتىش مەزمۇنىدىكى سۆزدىن) ئەدەبىيات - سەنئەتتە بايان ئۇسۇلى تىل ۋە بەدىئىي تەسۋىر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش يولى. شۇ مەنىدە «سەبكى» ئۇسلۇبنىڭ تەركىبى قىسمىدۇر. ئەدەبىياتشۇناسلىقتا ئايرىم، مەشھۇر سۆز سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا خاس خۇسۇسىيەتلەرنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ، «ھافىز سەبكى» ، «ناۋايى سەبكى» ياكى «بېدىل سەبكى» دېيىلىپ كەلگەن. ئىجادى بىر - بىرىگە مەلۇم جەھەتلەردىن يېقىن بولغان زامانداش يازغۇچىلار قەلىمىگە مەنسۇپ ئۇسلۇب يېقىنلىقنى كۆزدە تۇتۇپ «تۈركىستان ياكى خۇراسان سەبكى » (روداكى، دەقىقى، فىردەۋسى، ئۇنسۇرى باشقىلار) ؛ «سەبكى ئىراقى» (ئەنۋەرى، زاھىرى.....) «ھىندى سەبكى» (ئەمىر خىسراۇ دېھلەۋى ۋە ئۇنىڭ ئىزداشلىرى) گە ئوخشاش تەرىپلەرمۇ قوللىنىلغان. «سەبك» مەسلىلىرىنى ئۆگىنىش كلاسسىك ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولغانىدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
سەبكى | UyghurWiki | UyghurWiki