UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتەرجىمە ئەدەبىيات

تەرجىمە ئەدەبىيات

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى باشقا بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى بىلدۈرىدۇ، بەدىئىي تەرجىمە ئەدەبىيات ئەسەر مەزمۇنىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، بەلكى بەدىئىي خۇسۇسىيەت ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەرجىمان ھەر ئىككىلا تىلنى مۇكەممەل بىلىشى، تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرنىڭ خاس بەدىئىي ئىپادىلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىي تىلىدىكى ئوخشاش ئىبارىلەرنى تېپىپ ئەكىس ئەتتۈرىشى لازىم. شېئىرىي ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش نەسرى ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا قارىغاندا ناھايىتى مۇرەككەپ ىش، ئۇ بەكمۇ ئىنچىكە ۋە چوڭ ئىجادىي ئەمگەكنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەڭ ياخشى شېئىرىي تەرجىمە ئەسەر مۇستەقىل ئىجادىي ئەسەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلەيدۇ. تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىدا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرى بولۇپ كەلگەنىدى، ئازادلىقتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىمۇ تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ، جۈملىدىن خەنزۇ ۋە رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ئالاھىدە رول ئويناپ كەلمەكتە. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش جەھەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات