رازۋېتكا ھېكايىلىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
19 _ ئەسىرنىڭ ئاخىردىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا كاپىتالىزم دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان ھېكايىلەر. بۇنداق ھېكايىلەردە ئاساسەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنڭ تۇغۇلۇشى ۋە جەريانى يېزىلىدۇ. ھەمىشە دېگۈدەل ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ رازۋېتكا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رازۋېتچىكلار مەركىزى پېرسۇناژ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ جۈرئەتلىك، پاراسەتلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكەتلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى رازۋېتكا ئىقتىدارى ئىپادىلىنىدۇ. سۇژېتلىرى ئەگرى _ توقاي، غەلىتە، كىشلەرنى ئۆزىگە رام قىلۋالىدۇ.
لېكىن، بۇ ھېكايىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پەلپەتىش قاتىللىق، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ھە دەپ تەسۋىرلەپ، مىستىتىزم ۋە ئىدېئالىزمنى تارقىتىدۇ، بۇرژۇئازىينىڭ كىشلىك پەلسەپىسى بىلەن ئەخلاقىي كۆز قاراشلىرىنى تەرغىپ قىلىدۇ. مانا بۇلار بۇ ھېكايىلەردىكى پاسسىپ ئېلېمېنتلاردۇر.
ئەنگىلىيىدە مەيدانغا چىققان « ھولمېسنىڭ دېلو رازۋېت قىلىشى » رازۋېتكا ھېكايىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ئەسەر.