UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدىب

ئەدىب

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (ئەرەبچە اديب سۆزىدىن، كۆپلۈكى ادبا) - تەربىيىچى، مۇئەللىم، ئەدەبىياتچى، يازغۇچى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. 12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان ئەھمەد يۈكنەكى <ھىببەتۇلھەقايىق> دېگەن ئەسىرىدە <ئەدىب> ۋە <ئەدەب> ئاتالغۇلىرىنى تۆۋەندىكى مەنىلەردە ئىشلەتكەن: ئەدىب ئەھمەد ئەيتتىم ئەدەب - پەند سۆزۈم، سۆزۈم بۇندا قالۇر، بارۇر بۇ ئۆزۈم. <ئەدىب> دېگەن سۆز ھازىرمۇ قوللىنىلماقتا. بۇ ئاتالغۇ كەڭ مەنىدە ئومۇمەن، <سۆز سەنئەتكارى> (يازغۇچى، شائىر)، تار مەنىدە <نەسرى ئەسەر ئاپتورى> دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات