كارىكاتورا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىيالىيانچەkarikatura كۈلكىلىك، مەسخىرە قىلىپ تەسۋىرلەش سۆزىدىن
نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى، شۇنداقلا كىشىنىڭ كۈلكىلىك، سەلبىي تەرەپلىرىنى مەسخىرە قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتەي سەتلەشتۈرۈپ سىزىلغان رەسىم، يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر ياكى سەھىنىدە ھەم ئېكراندا كۆرسىتىلگەن پېرسوناژلار ئوبرازىدۇر.
كارىكاتورانى يولداشلار ئارا ھەزىل قىلىش تەرىقىسىدە قوللىنىشقىمۇ، گېزىت - ژۇرناللار سەھىپىسىدە ئايرىم يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ھاياتىدىكى ئەھۋاللىرىنى ياكى نۇقسانلىرىنى كۆرسىتىش يۈزىسىدىن قوللىنىشقىمۇ، دۈشمەنگە قارىتا ئۆتكۈر كۈرەش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.