ھېكايە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بىر قىسقا، ئىخچام نەسىرىي ئەسەر. ھېكايە ئادەتتە قىسقا، سەھىپە جەھەتتىن كىچىك، سۇژېتى بىر قەدەر ئاددىي بولىدۇ، پېرسوناژلىرىمۇ ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى رېئال تۇرمۇشنىڭ تىپىك بىر پارچىسى ياكى بىر تەرىپىلا بولىدۇ.
جۇڭگو ھازىرقى زامان يازغۇچىسى ماۋدۈن ھېكايىگە تەرىپ بەرگەندە: « تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھاسىىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى بىرەر مەسىلە ياكى ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولغان مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېپىك ئەسەر _ ھېكايە دەپ ئاتىلىدۇ »، دەپ كۆرسەتكەن.
ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ ماھارىتى كىشى ھاياتىدىن كىچىككىنە بىر ئېپىزوتىن ئېلىپ، ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ مۇھىم تىپىك تەرەپلىرىنى ئىخچام شەكىلدە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: لۇشۈننىڭ « كىچىككىنە بىر ئىش » خۇددى شۇنداق، زۇنۇن قادىرنىڭ « مۇئەللىمنىڭ خېتى » دېگەن تېمىدىكى ھېكايىسىمۇ مول مەزمۇن ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.