ئەمەلىيەتلىك ئەدەبىيات
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
70 - يىللاردىن بۇيان ئەسلىدە گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان، ھادىسىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ چىنلىقلىقىنى ئەينەن خاتىرىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بىر خىل پروزائىك ژانىر. يازغۇچى ھازىرقى زامان تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈنئالغۇ ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ توپلىغان ماتېرىياللىرىغا ئىش قوشۇپ، رەتلەپ ئەدەبىي خاراكتېرگە ئىگە تەزكىرە ياكى ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقىشقا قارىتىلغان. ساراكىرش يازغان <قاپلان كۆندۈرگۈچى قىز> بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بەزى ئەسەرلەردە يەنە قۇرۇق رىۋايەت ۋە فانتازىيە تۈسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: ئاننا سىگىس يازغان <سەپەردە ئۇچرىشىش> قاتارلىقلار.
بۇ خىل ئەسەرلەر گەرچە ئوبيېكتىپ چىنلىقلىقنى، ئەينەنلىكنى تەكىتلىسىمۇ، يەنە ئەدەبىياتتىكى بەدىئىي توقۇلمىنى پۈتۈنلەي چەتكە قاقمايدۇ.