UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمېتافورا

مېتافورا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى گېرىكچە metaphora _ ئىستىئارە سۆزىدىن بەدىئىي ئەدەبىياتتا سۆزلەر ئەسلى مەنىلىرىدىن سىرت كۆچمە مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ. مەسىلەن: بىز بىرەر ئادەم ھەققىدە «ئاق كۆڭۈل ئادەم» دېسەك، بۇ «ئاق كۆڭۈل» سۆز بىرىكمىسىدىكى «ئاق» سۆزى ئادەم كۆڭلىنىڭ رەڭگىنى ئەمەس، بەلكى خىسلىتىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۇ ئادەمنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق كۆچمە مەنىدىكى سۆز «مەجاز» (خەلقئارا ئەدەبىياتشۇناسلىقتا «تراپ») دەپ ئاتىلىدۇ. ئاق كۆڭۈل دېگەن سۆز بىرىكمىسى مەجازنىڭ بىر تۈرى بولغان «مېتافورا» دۇر. كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا بۇ سۆز «ئىستىئارە» دېيىلىپ كەلگەن. مېتافورا ئۇقۇمىدا ئوخشىمىغان نەرسە چۈشۈرۈپ قالدۇرىلىدۇ - دە، ئوخشىتىلغان نەرسە ۋە ئوخشىغان نەرسىنىڭ سۈپىتىلا ساقلىنىدۇ. «ئاق كۆڭۈل» مېتافورىسىدىكى «ئاق» ناھايىتى كۆپ ئاق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما ئۇلار تىلغا ئېلىنماي، ئۇلارغا خاس ساپلىق ساقلانغان ھەمدە كۆڭۈلگە نىسبەتلەشتۈرۈلگەن. شۇ سەۋەبلىك، «مېتافورا» نى قىسقارتىلغان، ئىخچام ئوخشىتىش دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. مەجازى مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆز، سۈپەتلىگۈچى ۋەزىپىسىنى بېجىرسە، بۇ «مېتافورىك سۈپەتلەش» دېيىلىدۇ، شۇم خەۋەر، قارانىيەت مېتافورىلىرىدىكى «شۇم»، «قارا» سۆزلىرى مېتافورىك سۈپەتلەشتۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
مېتافورا | UyghurWiki | UyghurWiki