UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي تەنقىد ئۆلچىمى

ئەدەبىي تەنقىد ئۆلچىمى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىشتا، باھالاشتا چەتلەپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە. مەلۇمكى، ئەدەبىي ئەسەرلا بولىدىكەن، ھامان ئۇنىڭدا ئىدىيىۋى مەزمۇن ۋە بەدىئىي شەكىلدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تەرەپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالىغاندا ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىكتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن باھالاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىدىيىۋىلىك جەھەتتىن: ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىلىكى ئۇنىڭ باش تېمىسىدا مەركەزلىك ئەكىس ئېتىدىغان بولغاچقا، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى جەھەتنى باھالىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى چىن ۋە سەمىمىي - سادىقلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن - ئەكىس ئەتتۈرمىگەنلىكى؛ ئەسەردە قانداق سىياسىي خاھىش ۋە غايە ئىپادىلەنگەنلىكى؛ ئەسەرنىڭ كىتابخانلارغا قانداق تەربىيە بەرگەنلىكى ۋە ئېستېتىك قىممىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەدىئىيلىك جەھەتتىن: بەدىئىيلىك ئەدەبىي ئەسەرنىڭ كىتابخانىلاردا پەيدا قىلغان بىر خىل بەدئىي تەسىرلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، ئەسەرنىڭ شەكلى، بەدىئىي ماھارىتى، يازغۇچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى ۋە ئېستېتىك ھەۋىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىپادىلىنىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ئەدەبىي ئەسەرنى بەدىئىي جەھەتتىن باھالىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭدا بەدىئىي ئوبراز ھەقىقىي ۋە جانلىق يارىتىلغانمۇ، يوق (چۈنكى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى، تەرەققىياتى تىپىك ئوبرازلار بىلەن كۆرسىتىلىدۇ)؛ مۇكەممەل بەدىئىي شەكىل ۋە چۈشىنىشلىك، رەڭدار تىل قوللىنىغانمۇ، يوق؟ دېگەن نوقتىغا قاراش كېرەك. ۋەھالەنكى، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىدىىيۋىلىكى بىلەن بەدىئىيلىكى بىر پۈتۈن گەۋدە. لېكىن بەدىئىيىلىك ئىدىيۋىلىككە نىسبەتەن نىسپىي مۇستەقىللىككە ئىگە بولىدۇ، ئەسەرنىڭ بەدىئىي شەكلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلىدۇ، مەزمۇنغا ماسىشىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئوبدان بەدىئىي شەكىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى ئۆلچەشتە يۇقىرىدىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات