ئەسەر غايىسى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەسەر تەسۋىرلەنگەن يېتەكچى پىكىردۇر. ئەسەرنىڭ غايىسى قەھرىمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر يازغۇچىسى قەييۇم تۇردى «گۇلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر( ناملىق ھېكايىسىدە ھەقىقىي چىن ئىنسان قەلبىنى تەسۋىرلىگەن. بىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇئەللىمدىن ئىبارەت چىن ئىنسانىي خىسلەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن زوقلىنىمىز. ئەسەردىكى ئوقۇتقۇچى ئۆز ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە ھەر قاچان ياخشى پىكىر ۋە توغرا مۇئامىلىدە بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى پەرۋىشلىگەن، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە ئىنسان، دەپ ھېس قىلىمىز، مانا بۇ ئەدەبىي ئەسەردىكى يېتەكچى ئىدىيە - غايىدىن ئىبارەت.