UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىستىل ياكى ئۇسلۇب

ئىستىل ياكى ئۇسلۇب

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتتىكى خاس ئالاھىدىلىكى. يەنى ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى، ئوبرازلار خاراكتىرى، سۇژېت كومپوزىيسىيسى ۋە تىلى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغان ئىدىيە ۋە بەدىئىي ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكنىڭ جۇغلانمىسى. يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش جۇغلانمىسى، بەدىئىي يىتىلىشى، خاس خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئەسەرلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبنى ئىپادىلەيدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۈزىگە خاس مۇستەقىل ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشى، ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە بەدىئىيلىك جەھەتلەردىن پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىستىل ياكى ئوسلۇب ئاتالغۇسىمۇ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە، ئوخشاش بولمىغان مىللەرلەردە، ئوخشاش بولمىغان ئېقىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇمۇميۈزلۈك ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىككىمۇ قوللىنىپ، دەۋىرنىڭ ئۇسلۇبى، مىللەتنىڭ ئۇسلۇبى، مەلۇمل بىر ئېقىمىنىڭ ئۇسلۇبى دەپمۇ قوللىنىلىدۇ. ئۇسلۇبنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يازغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجادىي خاسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدا، ھەر قايسسىنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان بەدىئىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتا پايدىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇ يەنە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەدەبىيات - سەنئەت زوقلىنىش ئېھتىياجىغا ئويغۇن كېلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئىتى يازغۇچىلارنىڭ خەلق ئۈچۈن، سوتسيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ھەرقايسسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئىستىل ياكى ئۇسلۇب | UyghurWiki | UyghurWiki