UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئاڭ ئېقىمى

ئاڭ ئېقىمى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى غەرب ھازىرقى زامان ئەدەبىيات - سەنئىتىدىكى نۇرغۇن تۈرلەر (بولۇپمۇ ھېكايچىلىق ۋە كىنوچىلىق) دە كەڭ قوللىنىۋاتقان بىر خىل يېزىقچىلىق سەنئىتى. <ئاڭ ئېقىمى> ئەسلىدە پسىخولوگىيە ئاتالغۇسى بولۇپ ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا پسىخولوگى ۋىليام جامىس يازغان <پسىخولوگىيىدە سەل قارىىۋاتقان بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا> (1884) دېگەن ماقالىدە قوللىنىلغان. ئۇ، ئاڭ پارچە - پۇرات ھالەتتە ئۆز ئارا بىرىكمەستىن، خۇددى ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرغان دەرياغا ئوخشاش ئىزچىل ھالەتتە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ ھالەتنى <ئىدىيە ئېقىمى، ئاڭ ئېقىمى، ياكى سۇبيېكتىپ تۇرمۇش ئېقىمى> دەپ ئاتاش كېرەك دەيدۇ. فرانسىيە يازغۇچىسى ئېيدۇ ئادۇشيادان 1887 - يىلى يازغان <ئاي ئېسىلغان دەرەخ كېسىپ تاشلاندى> دېگەن كىتابىدا دەسلەپ قېتىم <ئىچكى مونولوگ> يېزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كېيىنكى ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن سىگنال بولدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن باشلاپ ئاڭ ئېقىمى بويىچە يېزىش سەنئىتى، ھېكايە، شېئىرىيەت ۋە تىياتىرچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە قانات يېيىپ، ھېكايىچىلىقتا مۇستەقىل بىر ئېقىم بولۇپ شەكىللەندى. بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە ئېرلاند يازغۇچىسى جامىس چياۋيس ۋە ئەنگىلىيىلىك ۋىرگىنىيە ۋولفلار مەشھۇر. چياۋىيس غەرب دۇنياسىدا ئاڭ ئېقىمى ھېكايىچىلىقىنىڭ پىرى ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ <يۇرىشىس> ھېكايىسى (1922) دۇنيا ئەدەبىياتىدا <ئاڭ ئېقمى> ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدىكى داڭلىقى ھېسابلىنىدۇ. ۋولفنىڭ <داروۋىي خېنىم>، فرانسىيە يازغۇچىسى مارشىل پروسىنىڭ ۋوكنانىڭ <ئاۋاز ۋە غەزەپ> قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرى ئىچىدىكى داڭلىقلىرى. ئاڭ ئېقىمى يازغۇچىلىرى ياۋروپانىڭ ھېكايە يېزىقچىلىقى ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيىۋى ئېڭىنى بىۋاستە ئاشكارىلىشىنى، ئاپتور نۇتقى بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاڭ ئېقىمى ھېكايىلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى، ئاساسەن ئەركىن خىيال سۈرۈش، ئىچكى مونولوگ ۋە ياندىما سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. ئەركىن خىيال سۈرۈشنىڭ ئىختىيارىلىقى ۋە سەكرەتمىلىكلىكى تۈپەيلىدىن بايان قىلىش ئۇسۇلىمۇ بىر خىل بولماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ھېكايە بايانىدىكى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە كومپوزىتسىيە تەشكىللىنىدىغان ئۇسۇل بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىدۇ، بەزىدە ئاستىن - ئۈستۈن قىلىنىدۇ. تىل جەھەتتە، ئۇلار يېڭىلىق بولۇشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاڭ ئېقىمى يېزىقچىلىق سەنئىتى نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان خاھىشلىق يازغۇچىلار تەرىپىدىن قوللىنىلىپ كەلمەكتە. ھازىر ئايرىم، مۇستەقىل ئۇيۇشقان ئاڭ ئېقىمى تەرەپدارلىرى يوق. ئۇ پەقەت ئومۇمىي تۈس ئالغان يېزىقچىلىق سەنئىتى پىكىر ئېقىمى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئاڭ ئېقىمى يازغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنىڭ پايدىلىنشقا بولىدىغان تەرەپلىرى بار. بەدىئىي قانۇنىيەتلەر يول قويغان دائىر ئىچىدە ئاڭ ئېقىمى ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق، ئوبدان قوللانغاندا، ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما، ئۇ ئۇسۇلنى ئەينەن، بىراقلا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئىشلىتىۋېرىش پاسسىپ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات