ئەدەبىي تەنقىدنىڭ بەدىئى ئۆلچىمى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي تەنقىدتە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. سىنىپىي جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان سىنىپلارنىڭ ئەدەبىياتتىن زوقلىنىشى، بەدىئىي گۈزەللىك ۋە سەتلىككە بولغان كۆز قارشى، تەلىپى ئوخشىمىغانلىقتىن، ھەر قايسىسىنىڭ ئوخشىمىغان بەدىئىي ئۆلچىمى شەكىللەنگەن. ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ بەدىئىي ئۆلچىمىمۇ مۇقىم، ئۆزگەرمەس، ئابستراكت بولمايدۇ. پرولېتارىيات ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ بەدىئىي ئۆلچىمى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بەدىئىي ئوبراز يارىتىشنى، رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشنى، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ مۇكەممەل بىرلىكىنى، روشەن مىللىي ئالاھىدىلىك، دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە مۇستەقىل ئۇسلۇب بولۇشىنى، ھەمدە توغرا، ئېنىق، تەسىرلىك تىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، كونكرېت قوللىنىش جەھەتتە، ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشاشمىغان دۆلەت پرولېتارىياتنىڭ يەنە ئوخشىمايدىغان ئۆلچەملىرى بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئۆلچىمى ئارقىلىق ئەدەبىي ئەسەر بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن، ياخشى - ناچارلىقىنى ئۆلچىگەندە، سىياسىي ئۆلچەم بىلەن بەدىئىي ئۆلچەمنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇررۇش لازىم.