قوشاق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لىرىك شېئىرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەكىللىرىدىن بىرى، ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىشقا مۆلچەرلەنگەن بىر نەچچە بەند (كۇپلېت) لىك شېئىر. قەدىمكى زامانلاردا قوشاقنىڭ سۆزلىرى (تېكىستى) ئۇنىڭ كۈيى بىلەن بىرگە ۋۇجۇدقا كېلەتتى، مۇزىكا ۋە ھەرىكەت بىلەن ھەمراھ ئىدى.
قوشاق ئەمگەك قوشاقلىرى، مەۋسۇم قوشاقلىرى، مۇراسىم قوشاقلىرى، توي، ئەللەي ۋە مۇھەببەت قوشاقلىرى، قەھرىمانلىق قوشاقلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
قىسقىسى، قوشاقلاردىن خىلمۇخىل شېئىرلار، لىرىك شېئىرلاردىن ئەدەبىي نەسىرلەر؛ داستانلاردىن رومان - ھېكايىلە؛ ئېيتىشىشلاردىن دراما ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى « تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلىق مەشھۇر ئەسىردە قەدىمكى زاماننىڭ ۋە كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ قوشاقلىرىنى خاتىرىلەپ دەۋرىمىزگە يەتكۈزدى. بۇ قوشاقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىي مىراسلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.