قوش قاپىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شېئىر مىسرالىرىدىكى قاپىيىدىن كېيىن تەكرارلىنىدىغان سۆز ياكى بوغۇملار قوش قاپيىە (رادىف) دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن:
جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا
باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە
ساپا باردۇر.
(ئا. ئۇيغۇر)
يۇقىرىقى مىسرالاردىكى قاپىيە «جاپا»، «ساپا» سۆزلىرى بولۇپ، «باردۇر» رادىفتور.