ئىنقىلابىي رېئالىزىم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزمنى بىرلەشتۈرۈش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ بىر يىڭى ئىجادىيەت ئۇسۇلى. ئىنقىلابىي رېئالىزىم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزمنى بىرلەشتۈرۈش ئىجادىيەت ئۇسۇلى - سوتسىيالىستىك رېئالىزىم پىرنسىپلىرىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ كونكرېت مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى. ئۇ، جۇڭگولاشقان سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدە يولداش ماۋزىدۇڭ تەرىپىدىن (1958 - يىل )ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىنقىلابىي رېئالىزم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزىمنى بىرلەشتۈرۈش (قىسقىچە"ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش"دېيىلىدۇ)ئىجادىيەت ئۇسۇلى. بۇ ئۇسسۇل يالغۇز تارىختىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئېسىل تەجىربىلىرىنى ئىلمىي ئاساستا يەكۈنلەش بىلەن خەلقئارا پرولتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت ئەنئەنىسگە ۋارىسلىق قىلىشلا بولماستىن، يەنە ئېلىمىز ئەدەبيات - سەنئىتىنىڭ تارىخىي تەرەققياتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى.
ئېلىمىزنىڭ كونكرېت تارىخىي شارائىتى ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىگە يېڭى تەلەپ قويدى، ئىجادىيەتتە دەۋرنىڭ تەلەپ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئۈنۈملۈك يېڭى ئۇسۇلنى قوللىنىش - ئەدەبىيات - سەنئەت ئالدىدىكى مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ماركسىزمنىڭ ئەمەلىيەت ۋە غايە كۆز قارىشى ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىيات يولىنى يورۇتۇپ تۇرغان نۇرلۇق مەشئەل. ئەدەبىيات - سەنئەت ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدۇ، غايىنى قانات قىلىدۇ. شۇڭا ئەمەلىيەت كۆز قارىشى بىلەن گۈزەل غايە - كېلەچەك كۆز قارىشىنىڭ ئىپادىلىنىشى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» نىڭ تەلىپىدۇر.
«ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىجادىيەت ئۇسۇلى يازغۇچى - سەنئەتكالاردىن مۇستەھكەم پرولېتارىياتلىق مەيدان ۋە روشەن پوزىتسىيىدە بولۇشنى، خىلمۇ خىل ئۇسلۇب ۋە شەكىللەرنىڭ ئەركىن مۇسابىقىسىنى يولغا قويۇشنى، ئوخشىمىغان ئۇسلۇب ۋە شەكىللەرنى ئەركىن قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.