شەكىل سەنئىتى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مەلۇم ماددىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ (مەسىلەن: رەسىم سىزىشتا ئىلىتىلىدىغان رەڭ - بوياقلار، قەغەز، رەخ قاتارلىقلار؛ ھەيكەل تاراشتا ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ، تاش، لاي، گەج، مىس قاتارلىقلار) كىشىلەر سەزگۈسىگە تەسىر قىلالايدىغان تۈز، ياكى تىك شەكىللىك ئوبرازلارنى يارىتىپ، ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى كونكرېت شەيئىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل سەنئەت. ئۇ، رەسىم سىزىش، ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل سەنئەت، ئۇ، رەسىم سىزىش، ھەيكەلتىراش، مىمارچىلىق، قول ھۈنەر سەنئىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شەكىل سەنئىتى «سەنئەت»، «كۆرۈش سەزگۈسى سەنئىتى»، ياكى «بوشلۇق سەنئىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
«شەكىل سەنئىتى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى 18 - ئەسىردىكى گېرمانىيىلىك ئەدەبيات - سەنئەت نەزەرىيىچىسى لېسىن دەسلەپ قوللانغان.