UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتفېلىيەتون

فېلىيەتون

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى فرنسۇزچە feuilleton - ۋەرەقە سۆزىدىن بىر خىل ئەدەبىي ژانىر. ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي ھاياتتىكى سەلبىي ھادىسىلەر ياكى ئايرىم كىشىلەردىكى نۇقسانلار ھەجۋە قىلىنىدۇ، فېلىيەتون بىرىنچى قېتىم فرانسىيىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۇ يەردە دەسلەپ تىياتىر ۋە ئەدەبىيات ۋەقەلىرى ھەققىدە يېزىلغان كۈچلۈك تەنقىدىي ماقالىلەر فېلىيەتون دەپ ئاتالغان. فېلىيەتون شېئىرىي، نەسرى شەكىلىدە، بەزىدە درامىغا خاس دىئالوگ شەكىلىدىمۇ يېزىلىدۇ، بىراق، فېلىيەتونلار كۆپىنچە نەسرى بولىدۇ. فېلىيەتوندا ھاياتتىكى بىرەر ۋەقە، بىر ياكى بىر نەچچە كىشى ئېلىنىدۇ، فېلىيەتونچى ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان ۋەقەلىك ياكى كىشىلەردىكى يامان خىسلەت ۋە مىجەزلەرنى قاتتىقراق قامچىلاش مەقسىتىدە مۇبالىغىدىن، بەزىدە فانتاستىك تەسۋىر ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىدۇ. لېكىن قاچانلا بولمىسۇن، فېلىيەتوننىڭ ئاساسىنى تۇرمۇشتىكى كونكرېت ۋەقەلەر تەشكىل قىلىشى كېرەك. 40 - يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ل. مۇتەللىپنىڭ «پادىشاھ سامورايلىرى قاتتىق ھالسىرايدۇ» نامىلىق فېليەتونى يۇقىرىدىكى تەرىپلەرگە ياخشى دەلىلىدۇر. مۆمىن سەپىرىنىڭ «قۇلۇپلاقلىق كابىنېت» ناملىق شېئىر يېڭى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى ياخشى فېلىيەتون ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات