مەدەنىيەتتىكى «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىنقىلابىي خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي مەدەنىيەت «قورشاپ يوقىتىشى» غا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى.
ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى جاھانگىرلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرگە قارىتا ئەكسىلئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار «قورشاپ يوقىتىشى» ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ ئەكسىلئىنقىلابىي قورشاپ يوقىتىشى ئېلىپ بېرىپ، ئىلغار يازغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى ۋە سول قانات مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ج ك پ رەھبەرلىكىدە لۇشۈن ۋە كەڭ ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ «قورشاپ يوقىتىشى» غا قارشى قەھرىمانلىق بىلەن كۈرەش ئېلىپ باردى. ئۇلار گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ فاشىستىك ھەرىكەتلىرىگەقاقشاتقۇچ زەربە بەردى.