ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى دېگىنىمىز ئىنسانىيەت ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى، بولۇپمۇ پرولېتارىياتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەمەلىيىتى تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، شۇنداقلا ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەت ھەرىكىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئىنقىلابىي پەن.
دۇنيادىكى بارلىق نەزەرىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتىن كەلگەن، ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسىمۇ شۇنداق، ئۇ پۈتكۈل ئەدەبىيات - سەنئەت كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرى، ئىجتىمائىي رولى، تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، سىياسىي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، مەزمۇنى ۋە شەكلى،ئىجادىيەت ئۇسۇلى، ئىجادىيەت پرىنسىپى، ئىجادىيەت جەريانى ....، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارسلىق قىلىش ۋە يېڭىلاش، شۇنىڭدەك پارتىيىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت توغرىسىدىكى يۆنىلىش، سىياسەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق بۇ نەزەرىيە مۇرەككەپ ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇنىڭ مۇرەككەپ قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىش، ئەدەبىياتنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىزاھلاش، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ.