UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبەھرى مۇنسەرىھ

بەھرى مۇنسەرىھ

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى <مۇنسەرىھ> نىڭ مەنىسى ئەركىن، تېز دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بەھرىنىڭ بىر خىلى <بەھرى مۇنسەرىھ مۇسەممەن مەتۋى مەكفوف> (ئۈزۈپ، تېز ئېيتىلىدىغان سەككىزلىك ئەركىن بەھرى) دېيىلىدۇ. يەنى مىسرادىكى سۆزلەر تۇراققا بۆلۈنگەندە بوغۇملار ئۈزۈۋېلىنىپ، بەزى بوغۇملىرى يۆگۈلۈپ تېز ئېيتىلىدۇ. شۇڭا ئەركىن بەھرى دېيىلگەن. مىسرالىرى 13 بوغۇمدىن تەركىب تېپىپ، بىرىنچى بۆلىكى ئىككى تۇراق سەككىز بوغۇم بولغىنى ئۈچۈن <مۇسەممەن> دېيىلگەن؛ ئۇنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى ئىككى تۇراق، بەش بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. مىسال: سۇغا سالسام / سۇ كۆتۈرمەس / مىسقال / تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ / ئېلىپ بولماس / قالغان / كۆڭۈلنى. بۇنىڭ سخېمىسى: مۇپتەئىلۇن - مۇپتەئىلۇن - مەپئۇل - پائۇلۇن. يۇقىرىدىكىلەر ئارۇزنىڭ ئۇزۇن بەھرىلىرىدۇر. تۆۋەندە قىسقا بەھرىدىن بىر نەچچە مىسال كەلتۈرىمىز.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات