UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسېنزور

سېنزور

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى چارروسىيە كىتاب، ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نامى 19 - ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلۇپ يانچىلىق تۈزۈمىنى قوغداش، ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەر ئەدەبىيتنى تەئىقىپ قىلىش، چەكلەش ۋە مەنئى قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن، ئومۇمەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى چەكلەش، تەكشۈرۈش، ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈشلەرنىڭ كۆچمەن مەنىلىك ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان. «تۆت كىشلىك گۇرۇھ» زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىپ يۈرگەن يىللاردىمۇ، ئۇلار ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىقتىن، كېيىنكى پاغلاردا ئېلان قىلىنغان بىر مۇنچە ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورلىرىدا بۇ ئاتالغۇ ئىشلىتىلىپ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىگە قاراتقان مۇئامىلىسىگە شىكايەت بىلدۈرۈلدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات