سېلىشتۇرما ئەدەبىيات
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۈللەنگەن ئەدەبىياتشۇناسلىقتىكى تەتقىقات تارمىقى. ئۇ ئىككىدىن ئوشۇق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا رول ئويناش، تەسىر كۆرسىتىش جەريانىنى، ئەدەبىيات بىلەن باشقا بەدىئىي شەكىللەر ھەمدە ئىدېئولوگىيىنىڭ باشقا ساھەلىرىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى تارىخىي جەھەتتىن سېلىشتۇرما قىلىپ تەتقىق قىلىدۇ.