UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمى

ئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى مەلۇم تارىخىي دەۋردە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە سىياسىي كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەيدانغا چىققان ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىۋى خاھىشى. ھەر بىر تارىخىي دەۋرنىڭ بىر خىل ئەدەبىيات پىكرى ئېقىمى بولىدۇ. مەسىلەن: ياۋروپادا 16 - 17 - ئەسىرلەردە كلاسسىزم، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە رومانتىزم، تەنقىدىي رېئالىزم قاتارلىق پىكىر ئېقىملىرى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان. ئېلىمىزدە <4 - ماي> دەۋرىدە ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمى مەيدانغا كەلگەنىدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات