ئەدەبىيات نەزەرىيىسى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتى، ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي رولىغا دائىر قائىدە، پرىنسىپلار. ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تارىختا ئۆتكەن ئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرىنىڭ مۇئەييەن سىنىپىي مەيدان، كۆز قاراشلىرىغا ئاساسەن ئەدەبىي پائالىيەتلەر ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە دائىر تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق پەيدىنپەي شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەنقىدكە نىسبەتەن يېتەكچىلىك رولى بار. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە ئائىت قىممەتلىك مىراسلىرى بار. ماركىسىزملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسى دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم كۆز قارىشى بىلەن ئەدەبىي پائالىيەتلەر ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى، بولۇپمۇ پرولېتارىيات ئەدەبىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىيى ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى ھەمدە ئۇنىڭ سىنىپىي كۈرەش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى بىلەن رولىنى ئىلمىي يوسۇندا بايان قىلىدۇ. بۇنىڭ پرولېتارىياتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەنقىدىدە يېتەكچىلىك ئەھمىيىتى بار.