UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر يۆنىلىشى

ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر يۆنىلىشى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ يۆنىلىش 1942 - يىل <يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنى> مەزگىلىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمەلىي كۈرەشنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ تەلىپى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى ھەر خىل ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يولداش ماۋزېدۇڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: <بىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىمىز خەلق ئاممىسى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئۈچۈن يارىتىلىدۇ ۋە بۇنىڭدىن ئىشچى، دېھقان ئەسكەرلەر پايدىلىنىدۇ>. بۇ يۆنىلىشتە ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرىنىڭ ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئىچىگە، ئەمەلىي كۈرەش ئىچىگە بېرىشى، ماركىسىزم - لېنىنىزمنى ئۆگىنىشى، جەمئىيەتنى كۆزىتىش جەريانىدا ئۆز مەۋقەسىنى پرولېتارىيات ۋە خەلق ئاممىسى تەرىپىگە يۆتكىشى؛ ئىدىيە، ھېسسىياتىدا خەلق بىلەن بىر بولۇپ كېتىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەشچان تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن، خەلق ئاممىسى ئوڭاي قوبۇل قىلالايدىغان، خەلق ئاممىسى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشى، ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈشنى دىئالېكتىكىلىق ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب دەۋرىدە بۇ يۆنىلىش بارلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنى زور تەربىيە ۋە ئىلھامغا ئىگە قىلغان ئىدى. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىپ بەرگەن. بىزنىڭ بۈگۈنكى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇلۇغ كۈرەشلىرىمىز جەريانىدىكى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئىتىمىز ئاشۇ يۆنىلىشنىڭ تەرەققىياتى بولۇپ، پارتىيىمىز ئەدەبىيات - سەنئەتنى خەلق ئاممىسى ۋو سوتسىيالىزىمغا قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش ھەمدە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قانداق مۇھىم رول ئويناش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر يۆنىلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki