UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمۇۋەششەھ

مۇۋەششەھ

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە زىننەتلەنگەن، بېزەنگەن سۆزىدىن ھەربىر بېيىتنىڭ بىرىنچى مىسرالىرىدىكى بىرىنچى ھەرپلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن شائىر قەلەمگە ئالغان شەخس نامى ياكى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلار كېلىپ چىقىدىغان لىرىك شېئىر. مەسىلەن: ل. مۇتەللىپنىڭ «شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ» ناملىق شېئىرىدىن «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» دېگەن خىتاب چىقىدۇ. تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ كۆرەيلى: چىرايلىق بىر قىز كۆردۈم، بەختىيارلەر باغىدا. ئەترە گۈللەر ساچىدۇ، ھەربىر كۈلگەن چاغىدا. رەنا قىز شۇنچە گۈزەل، بىر كۆرگەن ئاڭا شەيدا. ئاي يۈزىدىن نۇر تامار، قارا كۆزلىرى شەھلا. سورىدىم: ھەربىر بېيىتتەدۇر. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ مۇۋەششەھتىن «چەراس» دېگەن ئىسىم كېلىپ چىقىدۇ. نام بەزىدە ھەممىلا مىسرالارنىڭ باش ھەرپلىرىدىمۇ ھاسىل بولىدۇ. خىلمۇخىل ئەنئەنىۋى شېئىرىي شەكىللەر (غەزەل، رۇبائىي ...) گە ئوخشاش مۇۋەششەھمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدا يېڭىچە مەزمۇن بىلەن مەيدانغا كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات