UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتماقالە

ماقالە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە مقال - نۇتق، باب سۆزىدىن، كۆپلۈكى ماقالات سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ياكى ئەدەبىي ھايات توغرىسىدا يېزىلغان پۇبلىتستىك ئەسەر. مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى نەتىجىسىدە ماقالىنى تېمىسى، مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىگە قاراپ سىياسىي ماقالە، ئىلمىي ماقالە، پۇبلىتستىك ماقالە دېگەن خىللارغا ئايرىش كېلىپ چىقتى. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ «ھەيراتول ئەبرار» داستانى 20 ماقالات (باب) تىن ئىبارەت.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات