UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئانتىك شېئىر تۈزۈلۈشى

ئانتىك شېئىر تۈزۈلۈشى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى قەدىمكى گېرىك شېئىر تۈزۈلۈش سىستېمىسى، بۇ سىستېما ئىرامىزدىن ئىلگىرىكى 8 - ئەسىردە گرېتسىيىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن، ئىرادىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردە رىمغىمۇ تارقالغان. ئانتىك شائىرلار شېئىرنى كۈيگە سېلىپ قوشاق قىلىپ ئېيتىشاتتى. شۇڭا شائىر ئەينى زاماندا قوشاقچى - ھافىز ھېسابلىغان، شائىرنىڭ ئاساسىي چالغۇ ئەسۋابى <لىرا> دەپ ئاتىلاتتى. لىرىكا سۆزى شۇ ئاساستا ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئانتىك شېئىر تۈزۈلۈشى - مېترىك شېئىر تۈزۈلۈشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئانتىك شېئىر تۈزۈلۈشىنى قىسقا ھەم ئۇزۇن بوغۇملار تەشكىل قىلىدۇ، قىسقا ۋە ئۇزۇن بوغۇملار مەلۇم <روكىن> (ئارۇز ۋەزنى ھەققىدىكى مەلۇماتقا قاراڭ) نى تەشكىل قىلىدۇ، تەكرارلانغۇچى روكىنلار مىسرالارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ، ئانتىك شېئىرىيەتتە قاپىيە بولمىغان. بوغۇم ۋە روكىن تۈزۈلۈشى جەھەتتىن ئانتىك شېئىر تۈزۈلۈشى بىلەن ئارۇز ۋەزنى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بار. غەربىي ياۋروپا خەلىقلىرى شېئىرىيىتىدە ئانتىك شېئىر تۈزۈلۈشىنىڭ پرىنسىپلىرى ساقلىنىپ قالغان، لېكىن ئۇلاردا شېئىرنى شائىر كۈيگە سېلىپ ئېيتمايدۇ، بەلكى ئوقۇيدۇ، رۇس شېئىرىيىتى ئۇزۇن ۋە قىسقا بوغۇملار ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى ئۇرغۇلۇق، ئۇرغۇسىز بوغۇملار ئاساسىدا تۈزۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات